ئوباما رامىزانلىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى تەبرىكلەپ تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

308408
ئوباما رامىزانلىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان تېلېگراممىسىدا: «ئايالىم ۋە مەن ئامېرىكا ۋە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا روزا تۇتۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا، چوڭقۇر ئارزۇ – تىلەكلىرىمىزنى سۇنىمىز» دېدى. ئۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، رامىزان ئېيىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتلەرنى ئىپتار قىلىش، ھەمدە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم قىلىدىغانلقىنى؛ بۇنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مول مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان ئەنئەنىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ: «رامىزان ئېتىقادنى كۈچەيتىش، مەرھەمەت، بېغىشلاش ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا سەۋر قىلىش ئېيىدۇر. بۇ بېغىشلاش ئېيىدا، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىك قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قولىنى سوزىدۇ. ئاقسارايدا يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنى ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىپتاردا تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن » دېدى


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر