دۇنيا بويىچە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سانى 60 مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيا بويىچە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى 2014 – يىلى 60 مىليونغا يېقىنلاشتى.

308851
دۇنيا بويىچە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سانى 60 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 8 مىليون 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا كۆرە، بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ سان ھېسابلىنىدىكەن، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئاقدېڭىزدىكى يېقىندىن بۇيانقى ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىكەن. دوكلاتقا كۆرە، دۇنيا بويىچە 19 مىليون 500 مىڭ پاناھلىق تىلىگۈچى، 38 مىليون 200 مىڭ يۇرتسىز كىشى ۋە پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقان 1 مىليون 800 مىڭ كىشى بار ئىكەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ھەر 122 كىشىدىن بىرى يا پاناھلىق تىلىگۈچى، يا ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئەتكەن ۋەياكى پاناھلىق تەلەپ قىلغان كىشىلەر ئىكەن. بۇ چارىسىز ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەۋپ بولسا ياۋروپاغا كېتىش ئۈچۈن ئاقدېڭىز سەپىرىگە ئاتلىنىش ئىكەن. بۇ يول ئارقىلىق ياۋروپاغا بارغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى 6 مىليون 700 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. كۆچمەنلەر 28 ياۋروپا دۆلىتى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ پاناھلىق تىلەيدىغان دۆلەت گېرمانىيە ئىكەن، ئەڭ كۆپ كۆچمەنلەرنى ئۇدا 4 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان سۈرىيەلىكلەر تەشكىل قىلىدىكەن. دۆلەتتە ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 11 مىليون 600 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان بۇ ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنىڭ يەنە 10 يىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر