مىسىر سوت مەھكىمىلىرى قانۇننى ئاياق ئاستى قىلدى

مىسىر سوت مەھكىمىلىرى يەنە بىر قانۇننى ئاياق ئاستى قىلدى.

306503
مىسىر سوت مەھكىمىلىرى قانۇننى ئاياق ئاستى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ئىلگىرى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە قاراپ چىقىلىشى ئۈچۈن ئارخىپلىرى مۇپتىلىققا ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد مۇرسى بىلەن 121 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.
مىسىر سوت مەھكىمىسى «جاسۇسلۇق» دېلوسىدا سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى ئۈستىدىن ئىلگىرى بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى، «تۈرمىلەرگە بېسىپ كىرىش» دېلوسىدا بولسا مۇھەممەد مۇرسىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ «جاسۇسلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى 25 يىل بىلەن چەكلىنىدىكەن.
مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ لىدەرلىرىدىن خەيرەت ئۆزگەرتىش شاتىر، مۇھەممەد ئەل بىلتاجى، مۇھەممەد ئابدۇلئەتىيە قاتارلىقلارنى بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، مۇھەممەد مۇرسى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ بىكار قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر