دائېش ھەلەپتە تۈركمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى

دائېش بىلەن ئۇم خۇش يېزىدىكى تۈركمەنلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى. تۇقۇنۇشتا 8 تۈركمەن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

307139
دائېش ھەلەپتە تۈركمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دائېش ھەلەپنىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلدى.
سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىكى راككا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تېلئابيادنىڭ كونتروللۇقىنى كورد گۇرۇپپىلارغا تارقۇزۇپ قويغان تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش، ئەمدىلىكتە ھەلەپنىڭ شىمالىدىكى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ كونتروللىقىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلدى.
دائېش بىلەن ئۇم خۇش يېزىدىكى تۈركمەنلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى. تۇقۇنۇشتا 8 تۈركمەن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش 28 – مايدىمۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ساۋران ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ 7 يېزىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.
بۇ ئارىلىقتا دائېشتىن تارتىپ ئېلىنغان تېلئابياد شەھىرى كوبانىغا تەۋە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر