سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا

ھۇجۇمدا تەخمىنەن 300 گە يېقىن راكىتا بومبا ئىشلىتىلدى. شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمى پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلاندى.

306475
سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەپ يەنە بىر قېتىم قان كۆلىگە ئايلاندى.
ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشى تۈپەيلى ھەلەپنىڭ شىمالىدا كىچىك بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ، 20 دىن ئارتۇق پۇخرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. يۈزلىگەن كىشى يارىدار بولدى.
ھۇجۇمدا تەخمىنەن 300 گە يېقىن راكىتا بومبا ئىشلىتىلدى. شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمى پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلاندى.
ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئاستىدا قالغان پۇخرالار ئىنتايىن تەسلىكتە سىرتقا چىقىرىلدى.
2012 – يىلى شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئەسەد ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا يۈزلىگەن پۇخرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر