جەنۇبىي كورېيەدە مېرس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 154 كە يەتتى

جەنۇبىي كورېيەدە مېرس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 154 كە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 19 غا يەتتى.

305713
جەنۇبىي كورېيەدە مېرس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 154 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، مېرس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 154 كە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مېرس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلىنىۋاتقان 5 مىڭ 500 دىن ئارتۇق كىشى دوختۇرخانىلاردا كۆزىتىلمەكتە.
جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى يۇقۇملۇق ۋىرۇسنى كېچىكىپ ئېنىقلاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاستا ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە زۇكام بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن مېرس ھازىرغىچە 440 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر