گىرۇزىيەدىكى سەل ئاپىتىدە 14 ئادەم ئۆلدى
گىرۇزىيەدىكى سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 14 كە يەتتى.
305716
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەل ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەن 10 كىشىنى ئىزدەش قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ياغقان قاتتىق يامغۇر پايتەخت تىفلىسنى پاتقاق دەرياسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى.
سەل ئاپىتىدە 14 كىشى قازا قىلدى، 10 كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، ئۆي ۋە ئىش ئورۇنلىرى سۇ ئاستىدا قالدى، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ھايۋانلار ئۆلدى، سەل ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھايۋانلار بولسا شەھەرنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپەتتىن كېيىن ئىزدەش قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.