دائېش مىلىتانلىرى تېل ئەبيادتىن قاچتى

دائېش قانچىلغان ئايلاردىن بۇيان كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان شەھەرنى قولدىن بېرىپ قويدى.

305505
دائېش مىلىتانلىرى تېل ئەبيادتىن قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سۈرىيەنىڭ تېل ئەبياد شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى تولۇق ئالقىنىغا ئالغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تامۇژنا ئىشكىنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنىڭ بايرىقىنى قادىدى.
كورد قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە قوشۇنلار ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى يېزىلارنى تارتىپ ئالدى، ئاندىن تېل ئەبياد شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى ئەڭ شىددەتلىك ئۇرۇش بولغان كۈن بولدى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن كورد قوراللىق گۇرۇپپىلار شەھەرگە تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلگەندىن كېيىن، دائېش شەھەردىن چېكىنىپ راككاغا قاراپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى.
شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن بەزى دائېش مېلىتانلىرى تۈركىيە تەرەپكە قېچىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەسلىم بولدى.
تېررورچىلار تولۇق تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر