تېلابيادتا دائېش بىلەن كوردلارنىڭ توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تېلابيادتا كورد قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋام قىلماقتا.

304929
تېلابيادتا دائېش بىلەن كوردلارنىڭ توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشنىڭ نامدىكى پايتەختى راققە بىلەن تېلابياد ئارىسىدىكى تاشيولنى قولىغا چۈشۈرگەن كورد قوراللىق گۇرۇپپىلار، تېلابيادنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم كوردلارغا ھاۋادىن ياردەم قىلدى. تېلابياد قولغا چۈشۈرۈلگەن تەقدىردە، دائېشنىڭ راققەدىكى مۇھىم ئارقا سەپ تەمىنلەش يولى ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ ۋە كوردلار ئارىسىدا قۇرۇقلۇق يولىدىن بىر-بىرىگە باغلىنىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى، كورد قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن رايونلاردىكى ئەرەب ۋە تۈركمەنلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كورد گۇرۇپپىلىرىنىڭ رايوندىكى نوپۇس جايلىشىشىنى ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر