پەشمەرگىلەر شىئە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن  توقۇنۇشتى

ئىراق ساقچىلىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىشىشى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايلاردا، ئاز دېگەندىمۇ 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى.

302828
پەشمەرگىلەر شىئە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن  توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ھېسابلىنىدىغان پەشمەرگىلەر بىلەن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا دىيالا شەھىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
توقۇنۇشقا پەشمەرگىلەرنىڭ جەلاۋلا شەھىرى بىلەن سادىيە شەھىرى ئوتتۇرىسىغا خەندەك كولىغانلىقى سەۋەب بولدى. جەلەۋلا پەشمەرگىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ۋە سادىيە شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىدى.
ئىراق ساقچىلىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىشىشى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايلاردا، ئاز دېگەندىمۇ 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى.
دائېش مۇسۇلنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن تەشكىللەنگەن شىئە قوراللىق كۈچلىرى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«ھاشدى شابى» دەپ ئاتىلىدىغان شىئە قوراللىق كۈچلىرى، بولۇپمۇ سۈننىيلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا پۇخرالارغا قىلغان ناچار مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر