ئەل قائىدە دائېش سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ كەتتى

ئەل قائىدە كاتتىۋاشلىرى دائېش سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ كەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

302400
ئەل قائىدە دائېش سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ كەتتى

ئەل قائىدە كاتتىۋاشلىرى گوردىيان گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائېشنىڭ ئەل قائىدىنى پارچىلىۋەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ئەل قائىدىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاكتىپ ئەمەسلىكىنى، ئىقتىساد ۋە تەسىر دائىرىسى جەھەتتىنمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتنىڭ يىللاردىن بۇيان بىرىنچى دەرىجىدىكى تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئەل قائىدە تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن بۇ تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بىراق كېيىنچە ئايرىلىپ كەتكەن ئەل قائىدىنىڭ ماقدىسى ۋە ئەبۇ قاتادې ئىسىملىك كاتتىۋاشلىرى ئەل قائىدىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇساما بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ بېشىغا كەلگەن زەۋاھىرىنىڭ يېقىن دوستى ماقدىسى گوردىيان گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئەل قائىدىنىڭ زېمىن، تەسىر دائىرىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ بارغانچە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە زەۋاھىرىغا قاراشلىق بىر نەچچە گۇرۇپپىلا قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەبۇ قاتادې ئىككى يىلدىن بېرى ئەل قائىدىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ كېلىۋاتقان دائېشنى «راك» دەپ تەرىپلەپ، دائېشنىڭ قارا جەمئىيەت گۇرۇھىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
گوردىيان گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەييارلىقسىز قالغانلىقى قەيت قىلىندى. دائېشنىڭ دابىق ناملىق مەتبۇئات ئورگىنىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئەل قائىدىنىڭ «ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرغان» تەشكىلات سۈپىتىدە تەرىپلەنگەنلىكى ۋە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى زېمىنلاردا باشقا كۈچلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر