پەلەستىن بان كىمۇننى ئىسرائىلىيەگە يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىد

پەلەستىن باش مۇزاكىرىچىسى سايىب ئۇرەيقات بان كىمۇننى بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئىسرائىلىيەنى كىرگۈزمەسلىك بىلەن ئەيىبلىدى.

302563
پەلەستىن بان كىمۇننى ئىسرائىلىيەگە يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىد

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى تەشكلىي ھەيئەت كېڭىشى ئەزاسى ۋە پەلەستىن باش مۇزاكىرىچىسى سايىب ئۇرەيقات، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ، توقۇنۇشلاردا بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەت ۋە گۇرۇپپىلار ئورۇن ئالغان «قارا تىزىملىككە» ئىسرائىلىيەنى كىرگۈزمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ئۇرەيقات ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا بۇ ھەقتە 2014-يىلى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان 754 بالىنىڭ ئىسمى بولغان تىزىملىكنى ئەۋەتتۇق. بىز ئىنتىقامنىڭ كويىدا ئەمەسمىز، پەقەت خەلقىمىزنى قوغداش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىغا توسالغۇ بولۇشنى خالايمىز.»
ئۇرەيقات ئىسرائىلىيە باش مىنسىتىرى بۇنيامىن نېتانياھنىڭ خەلقئارلىق سەھنىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «كۈنىمىزدە دۇنيا نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.»
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سەۋىيەسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇرەيقات، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرۇنت فابيۇسنىقڭ 20-ئىيۇندا رايونغا كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن توقۇنۇشلاردا بالىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەت ۋە گۇرۇپپىلار كىرگۈزۈلگەن تىزىملىككە، غەززەدە ب د ت مەكتەپلىرىنى بومباردىما قىغلان ئىسرائىلىيە كىرگۈزمىگەن، خام تىزىملىكتە ئىسرائىلىيە ۋە ھاماسنىڭمۇ بارلىقى بىراق بېسىملار نەتىجىسىدە بان كىمۇننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر