ھىزبۇللاھ دائېشقا ئۇرۇش ئېلان قىلدى

ھىزبۇللاھ كۈچلىرى دائېشقا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

301856
ھىزبۇللاھ دائېشقا ئۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار شىددەت بىلەن داۋاملاشماقتا.
ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى، كەركۈكنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھاۋىجە ناھىيەسىدە ئىراق قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 50 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دائېشنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان رامادىغا يېقىن جايدىكى توقۇنۇشلارمۇ كەسكىنلەشتى. شەھەرنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان ئىراق ئەسكەرلىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا 12 ئادەم ئۆلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراق ئىستىراتېگىيەسنى ئۆزگەرتىشكە تەييارلانماقتا.
ۋاشىنگىتون ئىراققا ئەۋەتىشنى پىلانلىغان ھەربىي خادىملارنىڭ سانىنى 450گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بەشىنچى ھەربىي تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى ئانبار ئۆلكىسىدە تەسىس قىلىدىكەن. شۇنداقلا تاككادۇم ھەربىي بازىسىدا 450 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ھەم ئىراق قىسىملىرىغا، ھەمدە سۈننىي قەبىلە ئەزالىرىغا ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىكەن.
ئاق ساراينىڭ مەتبۇئات مەسلىھەتچىسى، يېڭى ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەر بىلەن ھازىر ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 3100 ئامېرىكىلىق ھەربىي مەسلىھەتچىنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. لىۋاندا ھىزبۇللاھمۇ دائېشقا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى. دائېشقا قارشى ئۇرۇشلار سۈرىيە فىرونتىدىمۇ داۋاملاشماقتا.
ھىزبۇللاھ سۈرىيەنىڭ كالامۇن رايونىدا ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان دائېشقا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. كالامۇن تاغلىرىنى سۈرىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، دائېش بىلەن ئەل نۇسرانىڭ قولىدىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ھىزبۇللاھ، 14 دائېش مىلىتانىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئارىلىقتا، ئەل نۇسرا سۈرىيەدە بىر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۇرزىلەردىن 20 كىشىنى ئۆلتۈردى. ھۇجۇمنىڭ ئەل نۇسرانىڭ تۇنىسلىق قوماندانلىرىدىن بىرىنىڭ بىر دۇرزىنىڭ ئۆيىنى مۇسادىرە قىلىشىغا قارىتا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر