دائېشقا قاتناشماقچى بولغان بىر رۇس قىزى تۇتۇلۇپ قالدى

دائېشقا قاتناشماقچى بولغان بىر رۇس قىزى تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدە تۇتۇلۇپ قالدى.

301864
دائېشقا قاتناشماقچى بولغان بىر رۇس قىزى تۇتۇلۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سېپىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن سۈرىيەگە بارماقچى بولغان بىر رۇس قىزى تۈركىيە چېگرىسىدا تۇتۇلۇپ قالدى.
قىزىنىڭ دائېش سېپىغا قوشۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان بىر رۇس ئائىلىسى، قىزىدىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئورۇنغا مەلۇم قىلغان، بۇنىڭغا قارىتا قىزىنىڭ تېلېفونى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە ئېلىنغان.
رۇس قىزىنىڭ تېلېفونى تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسىدا سىگنال بەردى. ياش قىز چېگرادىن رۇخسەتسىز ئۆتۈشكە ئۇرۇنغاندا، كىلىس ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقاپ قېلىندى.
كارالۇۋا ئىسىملىك بۇ رۇس قىزى، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئۈچۈن دىياباكىرغا، ئارقىدىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر