«تۈركىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

299760
«تۈركىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېمېست، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزاسى ئومۇمىي سايلاملىرىدىن كېيىن يېڭى پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئېمېست كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە سورالغان بىر سوئالغا قارىتا، ئامېرىكىنىڭ ناتو ئىتتىپاقدېشى بولغان تۈركىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئېمېنست تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ دائېش سېپىغا قوشۇلماقچى بولغان چەت ئەل «جەڭچى»لىرىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن يېقىن ئالاقە ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئىپادە قىلدى.
سۈرىيە بىلەن ئۇزۇن چېگرىسى بولغان تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەگە بارماقچى بولغان ۋە دائېش سېپىدا ئۇرۇش قىلماقچى بولغان شەخسلەر پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئۆتۈش ئېغىزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئېمېنست مۇنداق دېدى: «بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىشلىرىدىن تولىمۇ مەمنۇنمىز. بىراق تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر