خىتايدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
خىتاي ساقچىلىرى بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 4 كىشى ھاياتىدىن ئارىلىپ، 5 كىشى يارىدار بولدى.
299338
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 ساقچى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى «CCTV» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىمالىدىكى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ سۇننىڭ رايونىدا، ساقچىلار بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقونۇشتا 2 ساقچى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 4 كىشى ئۆلگەن ۋە 5 كىشى يارىدار بولغان.
ھاياتىدىن ئايرىلغان 2 نەپەر پۇقرادىن بىرسىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى، بىراق ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلى مەلۇمات بېرىلمىدى.
ۋەقەنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.