دائېش مىسىردا ھەربىي ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلدى

مىسىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سىنا شۆبىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئىشلىتىۋاتقان بىر ھەربىي ئايرودۇرۇمغا راكىتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

299185
دائېش مىسىردا ھەربىي ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:مىسىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
مىسىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سىنا شۆبىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئىشلىتىۋاتقان بىر ھەربىي ئايرودورومغا راكىتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى.
دائېشنىڭ سىنا شۆبىسى ساقچىلارنىڭ بىر ئايالنى قولغا ئالغانلىقىنىڭ ئىنتىقامى سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 1979 – يىلى تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن بۇيان سىنا يېرىم ئارىلىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
رايوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەنسارى مەقدىس تەشكىلاتى ئالدىنقى يىلى دائېشقا بەيئەت قىلغانلىقىنى جاكارلاپ ئۆزىنى «دائىشنىڭ سىنا شۆبىسى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
مىسىردا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر مۇھەممەد مۇرسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنسارى مەقدىس تەشكىلاتى ئالدىنقى ئاي مىسىردىكى ئەدلىيە بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تەھدىت سالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر