رۇسىيە گ-7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنى تەنقىدلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گ-7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنى تەنقىدلىدى.

297354
رۇسىيە گ-7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنى تەنقىدلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىمېل سارىيىنىڭ باياناتچىسى پېسكوي گ-7 دۆلەت گۇرۇھى بىلەن گ-8 دۆلەت گۇرۇھى ئەندىزىلىرىنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر رۇس مېدىياسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىمىترى پېسكوي، گېرمانىيەنىڭ كىرۇن شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گ-7دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئۈستىدە توختالدى.
پېسكوي رۇسىيە پىرىزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ گ-7 دۆلەت گۇرۇھىغا تەكلىپ قىلىنىپ قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەتتە ياكى سەككىز دۆلەت يىغىلىپ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. پۇتىن، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەققىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى چىقىش قىلىدىغان تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەندىزىلەرگە مەركەزلەشمەكتە.»
گ-7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاشنى توختىتىشى ۋە مىنىسك ئەھدىنامىسىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر