سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى يەنە ۋارىل بومبىسى ئىشلەتتى

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ۋارىل بومبىسى ئىشلىتىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

296084
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى يەنە ۋارىل بومبىسى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسى ھۇمۇس شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ 23 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئايال ۋە بالىلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
«ھۇمۇس مېدىيا مەركىزى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەگە تەۋە تىكئۇچارلار ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى زافاران يېزىسىغا «ۋارىل بومبىلىرى» بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇمدا يارىلانغان ئونلارچە كىشى رايوندىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر