يەمەن مۇزاكىرىلىرى 10 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىدۇ

يەمەندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جەنۋەدە تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىغان مۇزاكىرىلەر 14 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىدۇ.

294920
يەمەن مۇزاكىرىلىرى 10 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىموننىڭ بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەمەن پىرېزىدېنتى ئەبدە رەببە مەنسۇر ھادى ۋە سەنئادىكى باشقا تەرەپلەرنىڭ 14 – ئىيۇن كۈنى جەنۋەدە باشلىنىدىغان يىغىنغا ھەيئەت ئەۋەتىشنى قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئىسمائىل ۋەلەد شەيخ ئەھمەدكە بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، باش كاتىپ بان كىموننىڭ تەرەپلەرگە جەنۋەدىكى مۇزاكىرىلەرگە ياخشى نىيەتتە ۋە شەرتسىش قاتنىشىشلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بارلىق دۆلەتلەردىن مۇزاكىرىلەرگە ئىجابىي زېمىن ھازىرلاشلىرىنى مۇراجىئەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەمەندە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان بان كىمون، بۇنىڭ مۇزاكىرىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
باش كاتىپ بان كىمون تەرىپىدىن ئىلگىرى جەنۋەدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ 28 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، بىراق ئىككى كۈن قالغاندا مۇزاكىرىلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەنىنىڭ، يەمەن پىرېزىدېنتى ئەبدە رەببە مەنسۇر ھادىنىڭ ھۇسىي ئەنسرارۇللاھ ھەرىكىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنى ئىجرا قىلمىغۇچە مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلانماسلىقىنى تەلەپ قىلىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر