سۈرىيەدىكى ھۇجۇملار خەلقنىڭ دۆلەتتىن قېچىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى

سۈرىيەدە تەلابيادتىكى توقۇنۇشلاردا ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملىرى ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ بومباردىمانلىرى خەلقنىڭ دۆلەتتىن قېچىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى.

294769
سۈرىيەدىكى ھۇجۇملار خەلقنىڭ دۆلەتتىن قېچىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشلارنىڭ تۈركىيە چېگراسى ئەتراپىغا مەركەزلىشىشى نەتىجىسىدە سۈرىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈش سۈرئىتىمۇ بارغانسېرى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى.
توقۇنۇشلار بولۇپمۇ نارىسىدە بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
پەرىشان ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مىڭ كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ئاقچاقەلئە چېگرا ئېغىزىدىن تۈركىيە تەۋەلىلىگە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىندى. سۈرىيە چېگرىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مۇشەققەتسىز تۈركىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىدە سەپەرۋەرلىك خىزمىتى ئىشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر