ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار يۆتكەلمەكتە

ئالېكساندېر ھۇگ ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىلدۈردى.

294144
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار يۆتكەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (AGİT)نىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۈش ئېلان قىلدى.
ھەيئەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالېكساندېر ھۇگ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئالېكساندېر ھۇگ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋىدېئولۇق كونفېرانس ئارقىلىق مەلۇمات بەردى. ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالېكساندېر ھۇگ ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشقا ۋە مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئۇكرائىنادا مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن شەرقتىكى رۇسىيەپەرەسلەر ئوتتۇرىسىدا 2014 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا باشلانغان توقۇنۇشتا 6400 كىشى ئۆلگەن ۋە ھەر قايسى تەرەپلەر ئالدىنقى فېۋرال ئېيىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىزالاشقان ئىدى.
چارشەنبە كۈنى 5 گۇناھسىز پۇخرا بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 24 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان توقۇنۇشتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن بۇيان تۈنجى قېتىم ئېغىر تىپلىق قوراللار ئىشلىتىلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر