216 كىشى ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچى 216 كىشى ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ.

293697
 216 كىشى ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردىكى بەنى سۇۋەيف باش تەپتىش مەھكىمىسى، قاھىرەدىكى نەھدە مەيدانىدا 2013 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارغا قاتناشقان 216 پۇقرانى ھەربىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىدى.
بەنى سۇۋەيف باش تەپتىشى تامىر ئەل خاتىبنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2013 – يىلى نەھدە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغان 216 كىشىنىڭ دۆلەت بىنالىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەربىي سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بەنى سۇۋەيف باش تەپتىش مەھكىمىسى، 2013 – يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن تارتىپ ھازىرغىچە 474 پۇقرانى ھەربىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىدى.
مىسىردىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ مەركىزى قاھىرەدىكى رابىئەتۇل ئەدەۋىييە ۋە نەھدە مەيدانلىرىدا 2013 – يىلى 14 – ئاۋغۇست كۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىڭلارچە كىشى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر