جەنۇبىي كورېيەدە «مېرس» خەۋپى زورايماقتا

جەنۇبىي كورېيەدە «جان ئالغۇچى يۇقۇملۇق كېسەل» دەپ ئاتالغان «مېرس» نەپەس يولى كېسەللىكى خەۋپى بارغانسېرى زورايماقتا.

293027
جەنۇبىي كورېيەدە «مېرس» خەۋپى زورايماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېسەللىك سەۋەبىدىن 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان جەنۇبىي كورېيەدە، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتتى.
جەنۇبىي كورېيەدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە 700 دىن ئارتۇق مەكتەپ تاقالدى.
يۇقۇملۇق كېسەللىك خەۋپى تۈپەيلى كۆپىنچىسى خىتاي ۋە تەيۋەندىن بولۇپ مىڭلارچە كىشى جەنۇبىي كورېيەگە ساياھەت قىلىش پىلانلىرىنى بىكار قىلدى.
مېرس كېسەللىكى تۇنجى قېتىم 2012 – يىلى سېنتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە مېرس كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان 1161 كىشىدىن 463 ى قازا قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر