ئۆكتىچىلەر: ئەسەد قىسىملىرى تەل رىفاتقا ۋارىل بومبىسى ياغدۇردى

سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا قاراتقان ھۇجۇمىدا 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

292135
ئۆكتىچىلەر: ئەسەد قىسىملىرى تەل رىفاتقا ۋارىل بومبىسى ياغدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مەھەللىي كوردىناتسىيە كومىتىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ھەلەبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تەل رىفات رايونىغا ۋارىل بومبىسى ياغدۇرغان. ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە بالىلار قوشۇلۇپ جەمئىي 16 ئادەم ئۆلگەن.

ھەلەبنىڭ جۇبقۇبە مەھەللىسىدىكى ھۇجۇمدىمۇ 14 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يەنە ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېغىر ماددىي زىيانمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ شەھەرگە قىلىنغان 30 – مايدىكى ۋارىل بومبىسى ھۇجۇمىدىمۇ 70 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

بۇ جەرياندا، ھەلەبكە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا يارىلانغان كۆپ ساندا سۈرىيەلىك ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىگە ئېلىپ كېلىندى. كىلىس دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن 12 كىشىنىڭ ئىككى نەپىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر يارىدارلارنىڭ بىر قىسمى قوشنا ۋىلايەتلەردىكى دوختۇرخانىلارغا يوللاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر