ئەلبەشىرنىڭ بىرىنچى ئىشى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش بولدى

سۇداندا ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى يەنە 5 يىل ئۇزارتىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئۆمەر ئەلبەشىر، قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.

291891
ئەلبەشىرنىڭ بىرىنچى ئىشى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەشىرنىڭ قەسەم بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش ۋە 7 نەپەر مۇئاۋىنىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش بولدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىبراھىم غەندۇر، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 2 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر ئەلبەشىر ئاپرېل ئېيىدىكى ئۆكتىچىلەر بايقوت قىلغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %94 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغانىدى.

25 يىلدىن بۇيان سۇداننى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆمەر ئەلبەشىر تۈنۈگۈن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىگە بېلەت تاشلىغانلار بىلەن تاشلىمىغانلارنى ئايرىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. غەربنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئەلبەشىر، تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، دۆلىتىدىكى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر