مىسىردىكى مەشھۇر پىرامىدا ئالدىدا ھۇجۇم يۈز بەردى

مىسىردىكى مەشھۇر پىرامىدا ئالدىدا ھۇجۇم يۈز بېرىپ 2 ساقچى ئۆلدى.

292379
مىسىردىكى مەشھۇر پىرامىدا ئالدىدا ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا مەشھۇر گىزا پىرامىدلىرى ئالدىدا موتوسىكىلىتقا مىنىۋالغان زوراۋانلار ئەتراپقا ئوق چىقىرىپ، 2 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى، بىراق ھەممىنىڭ دىققىتى سىنا چۆلىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەنسارى بەيتىل ماقدىس تەشكىلاتىغا بۇرالدى.
ھۇجۇملىرىنى كېيىنكى مەزگىللەردە پايتەخت قاھىرە ۋە ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئەنسارى بەيتىل ماقدىس، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دائېشقا تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىۋالغان سىسىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قاراتقان بېسىملىرىنىڭ، تېررور تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر