خىتايدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتتىن 14 ئادەم قۇتقۇزۇلدى

چاڭجياڭ دەرياسىدا چۇڭچىڭغا قاراپ كېتىۋاتقاندا ۋەقەگە ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن يولۇچىلار پاراخوتىدىكى 458 ئادەمدىن ھازىرغىچە 14 ئادەم قۇتقۇزۇلدى.

291847
خىتايدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتتىن 14 ئادەم قۇتقۇزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەنجىڭدىن چۇڭچىڭغا قاراپ ماڭغان «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىنىنىڭ خۇبېي دائىرىسىدە كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قارا قۇيۇن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، پاراخوتتا جەمئىي 458 نەپەر كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 406 نەپىرى يولۇچى، بەش نەپىرى ساياھەت يېتەكچىسى، 47 نەپىرى پاراخوت خادىملىرى ئىكەن. بۇلاردىن ھازىرغىچە 14 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 18 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ ئاستى قىسمىدا ھاۋا بارلىقى ۋە نۇرغۇن يولۇچىنىڭ ھايات بولۇش مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. 4 مىڭ كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ناچار ھاۋا رايى شارائىتى ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، غەۋۋاسلارنىڭ پاراخوتنىڭ ئەتراپىدا ئۈچ تەرەپتىن يولۇچىلارنى ئىزدەۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
پاراخوتتىكىلەرنىڭ 50 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر