ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ يەمەندىكى ھاۋا ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا

پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن ئۇممان بولسا، يەمەندىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن جىمغىنە دېپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى باشىلىۋەتتى.

291697
ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ يەمەندىكى ھاۋا ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى يەمەندىكى ھاۋا ھۇجۇمىنى 9 ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرماقتا.
پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن ئۇممان بولسا، يەمەندىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن جىمغىنە دېپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى باشىلىۋەتتى.
ئۇمماننىڭ دېپلواماتىيە خادىملىرىنىڭ ھۇسىيلار بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە ھۇسىيلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئامېرىكىلىق بىر ژۇرنالېست قويۇپ بېرىلدى.
بۇ ئارىلىقتا يەمەنلىك دېپلوماتلار ھۇسىيلار بىلەن مانسۇر ھادى ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇشلارنىڭ بېسىقتۇرۇلىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئىجابىي نەتىجە چىققان تەقدىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا مۇزاكىرە باسقۇچىنىڭ باشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى پىرۇۋۇت زاپىسىنىڭ تېزلا تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.
يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا تاشقى پىرىۋۇت زاپىسى 49 مىليارد دوللار تۆۋەنلەپ، 683 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان خامچۇتىدا بۇ يىل رىياد دائىرىلىرنىڭ بىلىدۈرۈشىچە 39 مىليارد دوللار، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 130 مىليارد دوللار قىزىل رەقەم كۆرۈنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر