پارىژدا دائېشقا قارشى جىددىي يىغىن چاقىرىلدى

پارىژدا 20 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دائېشقا قارشى جىددىي يىغىن چاقىردى.

291642
پارىژدا دائېشقا قارشى جىددىي يىغىن چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 60قا يېقىن دۆلەت تەرىپىدىن دائېشقا قارشى بەرپا قىلىنغان بىرلەشمە قىسىمدىكى 20 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دائېشقا قارشى يولغا قويۇلىدىغان ئىستىراتېگىيەلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا يىغىن چاقىردى.
يىغىندا دائېشقا قارشى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەردىن سىرت، رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۈلتۈر مىراسلىرىغا بەرگەن زىيانلار ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.
ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سۈرىيە ئۈچۈن جىددىي سىياسىي چارە تېپىشنى تەلەپ قىلدى. يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتناشقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئۇزۇن مۇددەتلىك چارە تېپىش ئۈچۈن تەكلىپ-پىكىر ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
يىغىنغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تونىي بىلىنكېن، سۈرىيەدە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابيۇس دائېشقا قارشى كۈرەشلەرنى ئادداقىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئىبادى، دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى، لېكىن خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئىراقنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئىبادى دائېش سېپىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان چەتئەللىكلەر سانىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر