مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋەيران بولدى

مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شىركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

300654
مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋەيران بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كىرىستوف مۈغلىر، شىركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدىكى خىزمەتچىدىن 6 مىڭنىڭ ئىشتىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ شىركەتنى تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2016-يىلى قايتىدىن شىركەت تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتى 2014-يىلى ئىككى قېتىملىق ئاۋىياتسىيە تىراگېدىيەسىنى باشتىن كەچۈردى. بىرىنچى قېتىملىق ۋەقە 2014-يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەردى. 239 يولۇچى ئولتۇرغان كۇئالا لۇمپۇردىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى. بۇ يولۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر رەسساممۇ بار ئىدى.
ئىككىنچى قېتىملىق ۋەقە، بىرىنچى قېتىملىق ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 298 يولۇچى ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر