دائېش ئانباردىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلدى

تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ ئانبار ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي بازىغا بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

291685
دائېش ئانباردىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ ئانبار ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي بازىغا بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئىراقنىڭ ئانبار ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي بازىغا تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بومبا ئاپتوموبىل بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 42 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بەزىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي مەسئۇللار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئانباردىن باشقا يەنە سالاھىددىن ۋىلايىتىدىمۇ تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا. ھۇجۇم جەريانىدا نۇرغۇن ساندا تېررورچىلار ئۆلتۈرۈلدى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئابادى بولسا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ يېتەرسىز قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن دائېش ئىراقتا تەخمىنەن 500 گە يېقىن كېچىك بالىنى تۇتۇپ كەتتى.
ئالاقىدار مەسئۇللار، كىچىك بالىلارغا ھەربىي تەربىيە بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە بىر قىسمىنى ئادەم بومبا قىلىپ تەربىيەلەپ ھەر خىل ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا غەززەدە دائېشقا ئەزا بىر تېررورچى يەرلىك ساقچىلار بىلەن يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر