بۈگۈن مۇھەممەد مۇرسىنىڭ دېلوسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن

ئەگەر مىسىر مۇفتىلىقى ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىمىسا، سوت مەھكىمىسى مۇفتىلىقنىڭ پىكرىگە پىسەنت قىلماستىن ئۆلۈم جازاسى بېرەلەيدۇ. بىراق، بۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر قارار ماقۇللاش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى ئەزالىرى بىردەك قوللىشى كېرەك.

300750
بۈگۈن مۇھەممەد مۇرسىنىڭ دېلوسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق تۈنچى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى بىلەن بىرلىكتە 121 كىشى ھەققىدە «تۈرمىگە بېسىپ كىرىش» ۋە «جاسۇسلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا دائىر يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرىقى قارارىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۆلۈم جازاسىغا دائىر مىسىر مۇفتىلىقىنىڭ بېرىدىغان پىكرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
ئەگەر مىسىر مۇفتىلىقى سوتنىڭ قارارىغا قارشى پىكرى بىلدۈرسە، مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
1 – ئەگەر مىسىر مۇفتىلىقى ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىمىسا، سوت مەھكىمىسى مۇفتىلىقنىڭ پىكرىگە پىسەنت قىلماستىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلەيدۇ. بىراق بۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر قارار ماقۇللاش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن قوللىغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.
2 – ئەگەر سوت مەھكىمىسىنى مۇفتىلىقنىڭ پىكرىنى ئېتىبارغا ئالسا، گۇماندارلار ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئورنىغا 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتەك بىر يېنىكلىتىشكە ئىگە بولىدۇ.
بۈگۈنكى سوتتا ئەگەر مۇفتىلىق دوكلاتنى ھازىرلاپ كەلمىسە ، سوتنىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرۈلىشىمۇ مۇمكىن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر