«كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر باشلاندى

تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى قاتناشقان «كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر باشلاندى.

299786
«كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى قاتناشقان ھەربىي مانېۋىر، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشچانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى؛ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا، تۈركىيەنىڭ ئىككى تىك ئۇچارى ۋە ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى قاتناشتۇرۇلدى.
ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئالاھىدە قىسىملىرى تۈركىيەدە تەربىيەلەنگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر