دائېش سۈرىيەدە ئىزچىل ئىلگىرىلىمەكتە

دائېش سۈرىيەدە ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەپ بەزى رايونلارنى تارتىۋالدى.

300189
دائېش سۈرىيەدە ئىزچىل ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
دائېش سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھالەپ بىلەن ئەتراپىدىكى رايونلارنى نىشانغا ئالدى. ئۆكتىچىلەر بىلەن توقۇنۇشقان دائېش مىلىتانلىرى تۈركمەن ناھىيەسى ئازاز بىلەن ئەتراپىدىكى ئىككى يېزىنى تارتىۋالدى.
ئىراقتىمۇ دائېش بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە. نىنوۋا، سالاھىدىن ۋە ئانبار ۋىلايەتلىرىدە دائېشقا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەشكىلاتقا تەۋە بەزى ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىمانلاردا 100دىن ئارتۇق مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئابادى، 2014-يىلى ئىيۇندا مۇسۇلنى تارتىۋالغان دائېشنىڭ ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە 2300 ھەربىي ماشىنىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
باغداد ھاكىمىيىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن 600 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ 1000 ھەربىي ماشىنا سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر