ئەسەد كۈچلىرى يەنە ۋارىل بومبىسى ئىشلەتتى
سۈرىيە ئارمىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىد ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، خەلقئارادا چەكلەنگەن قوراللارنى ئىشلىتىپ ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشماقتا
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى، ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى فىردەۋس مەھەللىسى بازىرىغا 3 ۋارىل بومبىسى تاشلىدى. ھۇجۇمدا 70 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئىدلىب شەھىرىنىڭ بەليۇن بازىرى ئاھالىلەر رايونىغا قىلىنغان ۋاكۇئۇم بومبىسى ھۇجۇمىدا 15 ئادەم ئۆلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، سۈرىيەدە ئەسەدكە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا ‹ۋارىل› ۋە ‹ۋاكۇئۇم› بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 136 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.