پاكىستاندا 2 يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە بۆلگۈنچىلەر 2 ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلدى.

297607
پاكىستاندا 2 يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 
ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بېلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى كېتتادىن كاراچىغا قاراپ كېتىۋاتقان 2 دانە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كاد كۇچ رايونىغا يېتىپ بارغاندا مىلىتانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
بېلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شېرفىراز بۇگتى، «ئىككى ئاپتوبۇستا قانچە كىشىنىڭ بارلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.
رايونغا ئەۋەتىلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مىلىتانلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر