تىكرىتتە ئاممىۋى مازار تېپىلدى

ئىراقنىڭ تىكرىت شەھىرى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان 470 كىشىگە ئائىت ئاممىۋى مازار تېپىلدى.

296243
 تىكرىتتە ئاممىۋى مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى مازارلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د بۇلتۇر ئىيۇن ئېيىدا قولغا كىرگۈزگەن بىر ھەربىي بازا ئەتراپىدا تېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئى ش ئى د بۇ بازىدىن 1700 گە يېقىن ئەسكەرنى ئەسىرگە ئېلىۋالغانىدى. ئاممىۋى مازارلاردىن چىقىرىلغان جەسەتلەر مەزكۇر ئەسكەرلەرگە ئائىت دەپ قارالماقتا. ئىراقلىق جەسەت تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىدىن سىرت يەنە، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ تەكشۈرگەن جەسەرلەرنىڭ كىملىكى DNA سىنىقى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلىدۇ ۋە ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ. ئىراق ئارمىيەسى تىكرىتنى ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئۆتكەن ئاي قايتۇرۇۋالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر