سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر جامەگە ھۇجۇم قىلىنىپ، 4 كىشى ئۆلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ داممان شەھىرىدە بىر شىئە جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 كىشى قازا قىلغان.

296815
سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر جامەگە ھۇجۇم قىلىنىپ،  4 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمنى ئادەم بومبا ئېلىپ بارغان، بەزى مەنبەلەرگە كۆرە، جامەگە بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىنغان. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەردىن بىرى جامەگە قاراپ ئېتىلغان زوراۋانلاردىن بىرىنى توسۇشقا ئورۇنغان پۇقرا ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكەن ھەپتىمۇ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 21 كىشى قازا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر