كېمىرىن بىلەن ئولاند بىر يەرگە جەم بولدى

1973 – يىلدىن بېرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى مەسىلىسى توغرۇلۇق 2017 – يىلى رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

296809
كېمىرىن بىلەن ئولاند بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېمىرىن فىرانسىيەدە پىرېزىدېنت فرانسۇئا ئولاند تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
ئىككى لىدەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەنگلىيە داۋاملاشتۇرۇپ – داۋاملاشتۇرماسلىق مەسىلىسىدە ئارىسالدى بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مەسىلىسى بار ئىدى. ئولاند، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشىنىڭ ھەم ئەنگلىيە ئۈچۈن ھەمدە ئەنگلىيە خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كېمىرىن بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كلاسسىك قۇرۇلمىسىنى تەنقىد قىلىپ: «فىرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپى ياۋرو رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مېنىڭ ۋەزىپەم بولسا ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ئەندىشىلىرىنى يوقتىش» دېدى.
كېمىرىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ پەقەت ئەنگلىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرىلىرىنىڭ كونىترولسىز بولماسلىقىنى ھەمدە ئەركىن سىياسەت ۋە كۆچمەنلىككە چەك قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئىككى رەھبەر، تېررورىزم ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر