يەمەندە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 40 كىشى ئۆلدى

يەمەندە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ پايتەخت سەنئاغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 40 كىشى قازا قىلدى، كەم دېگەندە 100 كىشى يارىلاندى.

294709
يەمەندە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 40 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى يەمەن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سابانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇسىيلارنىڭ بىخەتەرلىك بىناسىنى بومباردىمان قىلغان، سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرىسىدىكى ھەججەدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىمۇ كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىدە ھۇسىي مىلىتانلىرىنىڭ قارارگاھى ھۇدەيدە ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا فاكۇلتېتى بىناسى بىلەن بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان. مارىب شەھىرىدە بولسا خەلق تەركىشىش كۈچلىرى بىلەن مىلىتانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن، مىلىتانلار 3 – ھەربىي رايوندىن چېكىنگەن. ھاۋا ھۇجۇملىرىدا قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر ھەربىي بازىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ يەمەنگە قاراتقان ھەربىي مۇداخىلىسى 26 – مارتتىن بۇيان داۋاملاشماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى دوكتور مارگارېت چان، ئۇدا ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 2 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 8 مىڭ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، تەخمىنەن 7.5 مىليون كىشىنىڭ جىددىي تىببىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر