سۈرىيەنىڭ روھى ئىزىلگەن كىچىك بالىلىرى

ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بولسا، ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىم بالىلار بولدى.

289429
سۈرىيەنىڭ روھى ئىزىلگەن كىچىك بالىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگىنىگە 5  يىل بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا يۈز مىڭلىغان ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان ئادەم  ئۆز يۈرتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى ۋە يەنە يۈز مىڭلىغان كىشى ئۇرۇش سەۋەبىدىن مېيىپ ھالغا چۈشۈپ قالدى. 

ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بولسا، ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىم بالىلار بولدى.
54 ياشلىق ئەھمەد مۇھەممەد تاۋىل تېخى 1 يىل 4 ئاي ئىلگىرى ھۇمۇستا كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سوت مەھكىمىسىدە بەششار ئەسەد ئەسكەرلىرى 8 قېرىندىشى بىلەن قوشۇپ، كاللىسىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ ئايالى ئاتىكە ھەسەن قاسىم ۋە پەرزەنتلىرى فاتىمە، ھەسەن ۋە ھالە ئەھمەد تاۋىل ئۇرۇشتىن قېچىپ ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتى.
تاۋىلنىڭ چوڭ قىزى فاتىمە دادىسى ھەققىدە توختىلىپ: «دادام بىزنى دائىم ئاپتوموبىلى بىلەن ئايلاندۇراتتى ۋە پېچىنە - پىرەنىك ئېلىپ بېرەتتى، ھازىر جەننەتكە كەتتى. ئەگەر شۇ تاپتا يېنىمدا بولغان بولسا ئىدى، <دادا سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈمەن!> دەۋالغان بولاتتىم» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر