ھىندىستاندىكى پىژغىرىم ئىسسىق 800 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تېلانگانا ۋە ئاندرا پرادېش ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃48 قا يەتكەن بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيى يوق كىشىلەر ياكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىكەن.

289724
ھىندىستاندىكى پىژغىرىم ئىسسىق 800 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىژغىرىم ئىسسىق كۆرۈلگەن رايونلاردا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋە سۇسىزلىنىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىلار تولۇپ تاشماقتا.
ئالاقىدار تارماقلار، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىرتقا چىقماسلىق ۋە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا.
پىژغىرىم ئىسسىق پەقەت ئىنسانلارغىلا ئەمەس، ھايۋانلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە.
ھايۋاناتلار باغچىلىرىدا پىژغىرىم ئىسسىق سەۋەبىدىن بولالمايۋاتقان ھايۋانلارنى سۇ سېپىش ئارقىلىق سەگىتىشكە تىرىشىلماقتا.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى بىرقانچە كۈن ئىچىدە يامغۇر يېغىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، بۇ خىل ھاۋارايى يەنە ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر