ئېفىيوپىيەدە ئومۇمىي سايلام ئاخىرلاشتى

ئېفىيوپىيە مىللىي سايلام كومىتېتى، 45 مىڭ سايلام مەركىزىدىكى بېلەت تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.

287630
 ئېفىيوپىيەدە ئومۇمىي سايلام ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتىغا كۆرە، ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى يۈكسەك سەۋىيەدە ئىشقا ئاشقان سايلامدا 58 سىياسىي پارتىيە بىلەن 5 مىڭ 819 نامزات پارلامېنتتىكى 547 ئورۇندۇق ئۈچۈن رىقابەتلەشكەن. سايلامنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى، رەسمىي نەتىجىلىرىنىڭ بولسا 22 – ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەخمىنەن 90 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئېفىيوپىيەدە تىزىمغا ئالدۇرغان 36 مىليون 800 مىڭ سايلىغۇچى بار ئىكەن. راي سىناش نەتىجىلىرىگە كۆرە، 1991 – يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئېفىيوپىيە خەلق ئىنقىلابىي دېموكراتىك ئالدىنقى سېپىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدىمۇ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر