تايلاند ئامېرىكىنىڭ تەكلىنىپىنى رەت قىلدى

تايلاند ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاندامان دېڭىزىدىكى كۆچمەنلەرگە ئائىت پاراخوتلار بار جاينى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ياردەم بېرىش تەكلىنىپىنى رەت قىلدى.

287725
تايلاند ئامېرىكىنىڭ تەكلىنىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند ئارمىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بىلەن باڭلادېشتىكى كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۇكېت ئارىلىدىكى رازۋېتكا ئايروپىلانلىرىنىڭ يەنە بىر مەزگىل ئارالدا قېلىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. تايلاند ئارمىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەكلىپىنىڭ، دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەگە مۇداخىلە قىلىش دېگەن ئوقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارالدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەم ئالداپ ئېلىپ قېچىپ سېتىش ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئوچۇق دېڭىزدا تەرك ئېتىلگەن مىڭلارچە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر