بەششار ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەنلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

بەششار ئەسەد قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ لازقىيە رايونى بايربۇجاقتىكى تۈركمەنلەر رايونىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

288158
بەششار ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەنلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان لازقىيە بايىربۇجاق تۈركمەن رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، تۆت كىشى يارىلاندى.
سۈرىيە تۈركلىرى جەمئىيىتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد قىسىملىرى كېچىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ساراي يېزىسىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى چېكىنگەن.
بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ رايوننى مىناميوت ۋە راكىتامىيوتلار بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى؛ پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ ھاتاينىڭ يايلا تېغى ناھىيەسىگە ئاڭلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر