ئامېرىكىدا ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى كۆرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى كۆرۈلدى.

285533
ئامېرىكىدا ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ساياھەت شەھىرى سانتا باربارا قىرغاقلىرى نېفىت بىلەن قاپلاندى. سەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان 500 مىڭ ۋارىل ئەتراپىدا نېفىت شەھەردىكى ئاساسلىق سۇ ئۈزۈش رايونلىرىغا سىزىپ كىردى، دېڭىز قىرغىقىدا نېفىت بىرىكمىلىرى ھاسىل بولدى. تازىلاش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، سۇ ئۈزۈش رايونلىرى توسۇۋېتىلدى.

ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى 300 كىشىلىك تازىلاش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاستىلىپ قويماقتا.

دېڭىزدىكى بۇلغىنىش قىرغاق ۋە ئەتراپىدا كۆپلىگەن جانلىقلارغا زىيان يەتكۈزدى، مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا جاۋابكار شىركەتنىڭ ئىنژېنىرلىرى ھازىرغىچە نېفىتنىڭ قەيەردىن ئېقىۋاتقانلىقىنى تاپالمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر