رەنزى:ئىتالىيە سىياسەت سەھنىسىگە قانۇن ئۇقۇمىنى قايتۇرۇپ كېلىمىز

ئىتالىيە پارلامېنتى ئۇزۇن داۋاملاشقان دەتالاشلاردىن كېيىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللىدى.

285593
رەنزى:ئىتالىيە سىياسەت سەھنىسىگە قانۇن ئۇقۇمىنى قايتۇرۇپ كېلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە بەس – مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مەزكۇر قانۇن، قارا گوروھقا قارشى كۈرەش قىلغان ۋە پالاتا ئەزاسى بولغان بىر سابىق تەپتىش تەرىپىدىن تەييارلاندى.

دەسلەپكى نۇسخىسىغا قارىغاندا خېلىلا يۇمشىتىلغان قانۇنغا ئاساسەن، پارىخورلۇق، چىرىكلىك، باج ئوغرىلاش دېگەندەك قىلمىشلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىككى يىل بولۇپ كېلىۋاتقان جازا مۇددىتىنى 10 يىلغىچە چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يالغان چىقىم تالونى كۆرسىتىش قاماق جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

باش مىنىستىر ماتتېئو رەنزى، قانۇن ئۇقۇمىنىڭ بىر مەزگىل ئىتالىيە سىياسەت سەھنىسىنىڭ سىرتىدا قالغانلىقىنى، لېكىن، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى چىرىكلىك قىلمىشى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر