مۇسۇلمانلار مەسجىدى ئەقسادا ناماز ئۆتەشكە چاقىرىق قىلىندى

مۇسۇلمانلار قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسانى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە ناماز ئۆتەشكە شۇنداقلا بۇنى بىر دىنىي ۋەزىپە، دەپ قاراشقا چاقىرىق قىلىندى.

285899
مۇسۇلمانلار مەسجىدى ئەقسادا ناماز ئۆتەشكە چاقىرىق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي قىرغاق (ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ) تا چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك قۇددۇس قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش باياناتىدا، قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسانى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە ناماز ئۆتەشكە شۇنداقلا بۇنى بىر دىنىي ۋەزىپە، دەپ قاراشقا چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا، پەلەستىنلىكلەر ۋە قۇددۇسلۇقلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى كۈچەيتىش، ساقلىنىۋاتقان تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقىش بىلەن بىرگە، قۇددۇسنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشى ۋە خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم زاتلار ۋە ئۆلىمالاردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان لىدېرلاردىن بارلىق ساھەلەر بويىچە پەلەستىن دائىرىلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش تەلەپ قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر