مۇزاكىرىلەر مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا
يەمەندە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن 28 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەر مەسىلىسىدىكى ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران قوللاۋاتقان شىئە ھۇسىيلار جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە ئىشتىراك قىلىشلىرى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇسىي ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ئابدۇسالام، «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇجۇملارنى دەرھال توختاتمىسا مۇزاكىرىلەرگە قاتناشمايمىز» دېدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگرىسىدىكى نەجران رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملارنىڭ ھۇسىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان ئابدۇسالام، بۇ رايونلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقلىرى بىلەن تەھدىت سالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندە سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچقا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇزاكىرىلەرنىڭ 28 – ماي كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 17 – ماي كۈنى توشقان، شۇنىڭ بىلەن، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھۇسىي نىشانلىرىغا قايتىدىن ھۇجۇم باشلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.